تۇرمۇش سالونى مەدەنىيەت بوستانى قاشتېشى ئەدەبىياتى رەسىملەر دۇنياسى ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەر MP3 ناخشىلار تورداشلار ئەسەرلىرى باش بىكەت
www.kaxtexi.cn
خەلقئارا خەۋەر | مەملىكەت خەۋىرى | شىنجاڭ خەۋىرى | غەيرى خەۋەر | تەنتەربىيە | ئىمتاھان ئۇچۇرى | ئاۋازلىق ئەسەر | يۇمۇر-لەتىپە | ماقالە-ئوبزور
نەسىر-لىرىكا | شېئىر-قوشاق | ھىكايە-رومان | قىزىقارلىقلار | ئېتوتلار | MTV ناخشىلار | MP3 ناخشىلار | فىلەش ئويۇنلار | پىلاستىنكىلار
پىلاستىنكا ئۇچۇرى | چولپانلار | سەنئەتكارلىرىمىز | مەشھۇرلىرىمىز | ئۆرۈپ-ئادەت | مەدەنىيەت | تارىخ بەتلىرى | تارىخى مىراسلار | رەسىملىك ئەسەر
دىلو-قانۇن | ئائىلە-نىكاھ | سۆيگۈ-مۇھەببەت | بالىلارتەربىيىسى | مىللىي تىبابەت | رەسىم دۇنياسى | QQ رەسىملەر | كومپىيوتېر | قاشتېشى يازمىسى

قۇربان ھېيت ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بايرام كۈنى
يوللىغۇچى:kaxtexi ؛ يوللانغان ۋاقتى:2009-11-10 16:15:24 ؛ ئاۋاتلىقى:

 قۇربان ھېيت ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي بايرام كۈنى بولۇپ، بۇ كۈندە چوڭ - كىچىك ھەممە خوشاللىققا چۆمىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بىرى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى كۆرىشەلمىگەنلەر، ئىزدىشەلمىگەنلەر ۋە ئارىدا رەنجىش يۈز بېرىپ بىر - بىرىگە قاراشمايدىغانلار بۇ مۇبارەك بايرامنىڭ شاراپىتى بىلەن بىر - بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، خۇشاللىقلىرىنى بىرگە تەنتەنە قىلىشىپ يايرايدۇ.

  بىر يىل ئىچىدە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىككى ھېيت بولۇپ، بىرى روزا ھېيتى، يەنە بىرى قۇربان ھېيتىدۇر. ھەر ئىككى ھېيتتا ئىككى رەكەت ھېيت نامىزى ئوقۇش ۋاجىبتۇر. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەم شەھرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلېتىپ ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

   ئابدۇلېتىپ ھاجىم بىلەن سۆھبەت
   ئابدۇلېتىپ قۇربان ھېيت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى: "قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىش ھەم ساۋابلىق ھەم ئېسىل ئەنئەنە بولۇپ، ئۇيغۇرلار مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بىرى بۇ گۈزەل دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. قۇربانلىق قىلىش ۋاقتى، ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگەندىن باشلىنىپ ئۈچىنچى كۈنى ناماز ئەسىرنىڭ ۋاقتىغىچە داۋام قىلىدۇ. قۇربانلىق قىلىدىغان ماللار: قوي، ئۆچكە، كالا ۋە تۆگە قاتارلىق ھايۋانلار بولۇپ، قويدىن ئالتە ئايلىقتىن چوڭ بولغىنى، ئۆچكىدىن بىر ياشقا كىرگىنى، كالىدىن ئىككى ياشقا كىرگىنى، تۆگىدىن بەش ياشقا كىرگىنى قوبۇل قىلىنىدۇ. قۇربانلىقتا بىر قوي ياكى بىر ئۆچكە بىر ئادەم ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ. بىر كالا ياكى بىر تۆگە يەتتە ئادەم ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ."

   ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيت كۈنلىرىدىكى ئېسىل ئەنئەنىلىرى
   ئابدۇلېتىپ ھاجىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت - ئايەم كۈنلىرىدىكى ئېسىل ئەنئەنىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى: "ئۇيغۇرلار ھېيت كۈنلىرىدە ھەر بىر مەھەللە ئەزالىرى بىردىن جامائەت بولغان ھالدا، مەھەللىدىكى پۈتۈن ئائىلىنى بىر - بىرلەپ زىيارەت قىلىپ چىقىدۇ، جامائەت ھەر بىر ئۆيگە كىرگەندە، ئىمام ئاخۇنۇم دۇئاغا قول كۆتۈرىدۇ، جامائەتمۇ بىرلىكتە دۇئاغا قول كۆتىرىپ، ساھىبخاننىڭ پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن داستىخانغا ئېغىز تېگىدۇ، قۇربانلىق گۆشكە ئالاھىدە ئېغىز تېگىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك - كىچىك پارچىلاپ پۈتۈن جامائەتكە تارقىتىلىدۇ ۋە ھەممىسى ئېغىز تېگىدۇ. بۇنى ئۇيغۇرلار ھېيتلاش دەپ ئاتايدۇ. ھېيت كۈنلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى يەنىلا بالىلار ئۈچۈن بولىدۇ. ھېيت كۈنلىرى چوڭلار كىچىكلەرگە ھېيتلىق بېرىدۇ، بالىلار ماددىي قىممىتى چوڭ بولمىسىمۇ، چوڭقۇر سۆيگۈ ۋە ئەڭ چوڭ خوشاللىق ئۈچۈن رەمزە قىلىنغان بۇ ھېيتلىقتىن بەختكە تولىدۇ ۋە يىلنىڭ ھەممىسى ھېيت بولسا ئىكەن دېيىشىپ خوشاللىققا چۆمىدۇ. ئۇيغۇرلار يەنە ھېيت كۈنلىرىدە باشتىن ئاياغ يېڭى كىيىم كىيىشنى ساۋابلىق ئىش قاتارىدىن سانىغانلىقتىن، پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى يېڭى، پاكىز، ئېسىل ۋە چىرايلىق كىيىنىشكە زور ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى يېتىم - يېسىرلارنىڭ، كەمبەغەللەرنىڭ، ياشىنىپ قالغانلارنىڭ، كېسەللەرنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ياخشىلىقلارنى قىلىدۇ. ھېيت - ئايەم كۈنلىرىدە ئۇلارنى يوقلايدۇ، ھېيتلىق پۇللىرى تارقىتىدۇ، ياردەم قىلىدۇ، بېشىنى سىلايدۇ. شۇنداق قىلىپ ھېيتنىڭ خوشاللىقىنى ھەممە بىرگە تەنتەنە قىلىدۇ."

   قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى تەقسىم قىلىش ئۇسۇلى
ئابدۇلېتىپ ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتتىكى ئېسىل ئەنئەنىلىرىدىن يەنە بىرى شۇكى، ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت كۈنىدە بىرەر مالنى كېسىپ قۇربانلىق قىلىش ئىشىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىدۇ، قۇربانلىق قىلىشنى ئائىلىدىكى چوڭ خوشاللىق دەپ بىلىدۇ. شۇڭا مالنى كېسىدىغان ۋاقىتتا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى، خۇسۇسەن بالىلار ھەر بىرى قوينىڭ بىر تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرىدۇ.

   ئۇيغۇرلار قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۈچكە بۆلۈپ، بىر ئۈلۈشىنى پېقىرلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ، يەنە بىر ئۈلۈشىنى مېھمان ئۈچۈن ھازىرلايدۇ، يەنە بىر ئۈلۈشىنى ئۆزلىرى يېيىش ئۈچۈن ئايرىيدۇ. بۇ گۈزەل ئەنئەنە سايىسىدا كەمبەغەللەر، ئۇرۇق - تۇغقانلار ۋە خوشنىلار ھەممىسى قۇربانلىقتىن نېسىۋىدار بولىدۇ ۋە خوشاللىققا ئىشتىراك قىلىدۇ.

مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

http://www.xjtsnews.com

 


      ئالدىنقى خەۋەر:تەكلىماكانغا كۆمۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
      كېيىنكى خەۋەر:ئىسسۇتقۇنىڭ كۈچى


تۇرمۇش سالونى مەدەنىيەت بوستانى قاشتېشى ئەدەبىياتى رەسىملەر دۇنياسى ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەر MP3 ناخشىلار تورداشلار ئەسەرلىرى باش بىكەت
 
  Copyright © 2003 - 2010  www.kaxtexi.cn All Rights Reserved

قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى

بىكەتنىڭ بارلىق ھوقوقى : قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسىغا تەۋە. كۆچۈرۈپ ياكى ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىندۇ

  QQ: 63096480 ,  58333857  , 454243178

بىكەت لاھىيىلىگۈچى: قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى ، باش بىكەت باشلىقى : ئابدۇخېلىل ئابدۇراخمان ( قاشتېشى )

قاشتېشى مۇنبەر ئىشخانىسى

قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى تېلېفون نۇمۇرى :  13319030098 ، 6870778-0903 كىچىك زېرەك

QQ: 327246563  ,799756437 , 416127849

 

新ICP备10001950号
不良信息举报中心
网络110报警服务