تۇرمۇش سالونى مەدەنىيەت بوستانى قاشتېشى ئەدەبىياتى رەسىملەر دۇنياسى ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەر MP3 ناخشىلار تورداشلار ئەسەرلىرى باش بىكەت
www.kaxtexi.cn
خەلقئارا خەۋەر | مەملىكەت خەۋىرى | شىنجاڭ خەۋىرى | غەيرى خەۋەر | تەنتەربىيە | ئىمتاھان ئۇچۇرى | ئاۋازلىق ئەسەر | يۇمۇر-لەتىپە | ماقالە-ئوبزور
نەسىر-لىرىكا | شېئىر-قوشاق | ھىكايە-رومان | قىزىقارلىقلار | ئېتوتلار | MTV ناخشىلار | MP3 ناخشىلار | فىلەش ئويۇنلار | پىلاستىنكىلار
پىلاستىنكا ئۇچۇرى | چولپانلار | سەنئەتكارلىرىمىز | مەشھۇرلىرىمىز | ئۆرۈپ-ئادەت | مەدەنىيەت | تارىخ بەتلىرى | تارىخى مىراسلار | رەسىملىك ئەسەر
دىلو-قانۇن | ئائىلە-نىكاھ | سۆيگۈ-مۇھەببەت | بالىلارتەربىيىسى | مىللىي تىبابەت | رەسىم دۇنياسى | QQ رەسىملەر | كومپىيوتېر | قاشتېشى يازمىسى

نازاكةتلصك ئايال بۇلۇشنصڭ ئېپص
يوللىغۇچى:kaxtexi ؛ يوللانغان ۋاقتى:2009-11-10 11:51:53 ؛ ئاۋاتلىقى:

نازاكەتلىك بولۇش ھەقىقىقەتەن تەسمۇ؟ نازاكەتلىك ئايال بولۇش ئۇنداق تەسمۇ ئەمەس، ئۇنىڭدا يۇقىرى تەلەپمۇ يوق، ئىشنى يېنىڭىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاڭ.يېمەك-ئىچمەكتە ئۆزىنى چەكلەش:
چەكلەش دېگەنلىك، بەزى كىشىلەر ئېيتقاندەك بۇنى يېسىمۇ بولمايدۇ، ئۇنى يېسىمۇ بولمايدۇ، ھەتتا بىر تال شاكىلات كەمپۈتنىمۇ ئېھتىيات بىلەن يېيىش دېگەنلىك ئەمەس. سىز پەقەت كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماق يېيىش ئادىتىڭىز بويىچىلا چەكلەش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. سىز ئاچلىقتىن قورساق غولدۇرلاپ كەتكۈدەك دەرىجىدە چەكلەش ئېلىپ بارمىسىڭىزمۇ، ھەر ۋاق تاماقنى پەقەت بوش تويغۇدەك يەپ، پارچە-پۇرات يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر يېمىسىڭىزلا بولىدۇ. ئۈچ ۋاخ تاماقتا كۆپرەك كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر يەپ بەرگەندە ھەم تويۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرغىلى ھەم كۆپ مىقداردىكى ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا قورسىقىڭىز بەك ئېچىپ كەتسە، نېمە يېيىش كېرەك؟ ئەڭ ياخشىسى بىر ئىستاكان سۈت ياكى چاي ئىچىۋېلىڭ.
پىيادە ماڭغاندا زىلۋا بولغىلى بۇلىدۇ:
ناۋادا سىزدە قىزقىش ياكى ۋاقىت بولمىسا، قارا تەرگە چۆمۈلگۈدەك گىمناستىكا ئويناپ ئۆزىڭىزنى مەجبۇرلىمايمۇ زىلۋا بولالايسىز، پەقەت <يول يۈرۈش> نى ئۆگىنىۋالسىڭىزلا بولىدۇ، پىيادە مېڭىشنىڭ ئەڭ ياخشى گۈزەللىك گىمناستىكىسى ئىكەنلىكىنى بىلۋېلىڭ. مەسلەن، پەلەمپەيتدىن چىققان-چۈشكەن ۋاقتىڭىزدا، پۇتنىڭ ئۇچىدا ماڭسىڭىز، پاچاق ۋە بەل قىسىملاردىكى مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكەت مىقدارى كۆرىنەرلىك ئېشىپ، ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ خورىشى كۆپىيىپ، ئورۇقلاشقا پايدىسى بولىدۇ. ئەلۋەتتە گۈزەل بولۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل گۈزەللىك گىمناستىكىسى ئويناشنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر.
ياخشى ئۇخلاش ھۆسىن تۈزەش ئۈچۈندۇر:
داڭلىق ئادەتتىن تاشقىرى مودېل كلودىيە شېفنىڭ بەدەن گۈزەلەشتۈرۈشتىكى مەخپىيىتى ھەر كۈنى كەچ سائەت سەككىزدە ئۇخلاش، ئەتىگەنلىكى ۋاقتىدا تۇرۇش، كۈندۈزى بىر دەم ئۇخلاش ئىكەن. ئۇ قانۇنىيەت - ئەڭ ياخشى ھۆسىن تۈزەش سەنئىتى دەيدۇ. بۇ مەملىكىتىمىزدىكى قەدىمكىلەر ئېيتقان <ھەممە دەردكە داۋا تىلىمەي، ئۇخلاشنى تىلە> دېگەن بىلەن ئوخشاش.
ھۆسىن تۈزەشتە ئىخلاسمەن بولۇش كېرەك؛
چاچ ياسىتىش ئۆز ۋاقتىدا بولۇش، چاچنىڭ پارقىراق، پاكىز بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. كىچىك ئىشلاردا ئىنچىكە بولۇش كېرەك. مەسلەن، ھەدىدىن زىيادە قويۇق بولغان چاچ يۇيۇش سويۇقلىقىنىڭ چېچىڭىزغا زىيان يەتكۇزۇپ قويماسلىقى ئۈچۈن، ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال سۇ بىلەن سويۇقلاشتۇرۇپ ئىشلىتىڭ. ھەر كۈنى كەچتە مەخسۇس گىرىم تازىلاش بۇيۇملىرى بىلەن گىرىملىرىڭىزنى يۇيۇپ، ئاندىن ئوزۇقلۇق مەلھەملىرىدىن ئازراق سۈركۈۋالسىڭىز تېرىڭىزنىڭ كېچىچە ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. شۇنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ: ئەگەر تېرىڭىز بۇ خىل تېرە ئاسراش بويۇمىغا ناھايىتى تېزلا <ماسلىشىپ > كەتسە، تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولمايدۇ، شۇڭا دەرھال ئالماشتۇرۇڭ ياكى باشقا تۈردىكىلەر بىلەن قۇشۇپ ئىشلىتىپ، تېرىڭىزنىڭ دائىم ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. تېرىنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىمۇ <يېڭى> خىلمۇ-خىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، <باشتىن-ئاخىر ئوخشاش بولۇش> تەك بىر خىلىنىلا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
مودا قوغلاشماي ئۆزىگە خاس كىيىنش:
ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنىڭ كىيىملىرىگە تەنقىدىي، قوسۇر ئىزدەش نەزىرىڭىز بويىچە قارىماي، ئۆزىڭىزنىڭ كونا ۋە يېڭى كىيىملىرىڭىزنى ماسلاشتۈرۈپ كىيىڭ. ئاپىڭىز ۋە ئاچا-سىڭىللىرىڭىزنىڭ كىيىملىرىنى ۋاقىتلىق ئارىيەت ئېلىپ كىيىڭ. ئېھتىمال سىزدە ئۆزگىچە يېڭىلىق ياراتقاندەك گۈزەللىك تويغۇسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ھەر قانداق مودىنىڭ باشلىنىشىنىڭ مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلىڭ، ھەر قانداق بىر كىيىمگە مەسلەن، ناھايىتى كونا بولغان كوپتا-يوپكىغا بىر تال يېڭى، ئۆزگىچە بەلۋاغدىن ياكى ھەرىكەتچان ياقىدىن بىرنى بېكىتىۋالسىڭىز، باشكىچە تويغۇ پەيدا بولۇپ، ئادەمنى مەپتۇن قىلىدۇ.
كىچىك ئىشلارغا دىققەت قىلىش:
ئەمەلىيەتتە، نازاكەتلىك بولۇش پۈتكۈل ئوبرازنىڭ زىننەتلىنىشىدۇر. قارىغاندا كىچىككىنە ئىشلارنى دەل جايىدا زىننەتلىيەلىسە، كىشىگە بىر خىل ئالاھىدە گۈزەللىك تويغۇسى بىرىدۇ.
ئايىغىڭىزنى كۈندە بىر قېتىم مايلاپ پارقىرىتىپ يۈرۈڭ، ئايال كىشى كونا كىيىم-كېچەكلىرىنى پاكىز كېيىش بىلەن بىللە ، پۇتىغا چوقۇم پاكىز پارقىراق ئاياغ كىيىشى كېرەك. يەنە ئاز دېگەندە ئېسىل ئەتىردىن بىرسى بولۇش كېرەك. ئۇنى چاچقاندا خوش پۇراق تاراپ، سىزنى تېخىمۇ نازاكەتلىك ۋە ئىسىل كۆرسىتىدۇ. پۇرىقى كۈچلۈك ئەتىر چېچىشتىن ساقلىنىڭ، بولمىسا كىشىنى سەسكەندۈرۈپ قويىسىز. مەردانە، يېقىملىق چىراي، ئايال كىشىگە نازاكەت ۋە گۈزەللىك قوشىدۇ.

مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

http://www.xjtsnews.com

 


      ئالدىنقى خەۋەر:ئېرىڭىزنىڭ ھەۋەسلىرىگە ئورتاقلىشىشنى بىلىۋېلىڭ
      كېيىنكى خەۋەر:خوتۇن بولۇش سەنئىتى


تۇرمۇش سالونى مەدەنىيەت بوستانى قاشتېشى ئەدەبىياتى رەسىملەر دۇنياسى ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەر MP3 ناخشىلار تورداشلار ئەسەرلىرى باش بىكەت
 
  Copyright © 2003 - 2010  www.kaxtexi.cn All Rights Reserved

قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى

بىكەتنىڭ بارلىق ھوقوقى : قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسىغا تەۋە. كۆچۈرۈپ ياكى ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىندۇ

  QQ: 63096480 ,  58333857  , 454243178

بىكەت لاھىيىلىگۈچى: قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى ، باش بىكەت باشلىقى : ئابدۇخېلىل ئابدۇراخمان ( قاشتېشى )

قاشتېشى مۇنبەر ئىشخانىسى

قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى تېلېفون نۇمۇرى :  13319030098 ، 6870778-0903 كىچىك زېرەك

QQ: 327246563  ,799756437 , 416127849

 

新ICP备10001950号
不良信息举报中心
网络110报警服务