تۇرمۇش سالونى مەدەنىيەت بوستانى قاشتېشى ئەدەبىياتى رەسىملەر دۇنياسى ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەر MP3 ناخشىلار تورداشلار ئەسەرلىرى باش بىكەت
www.kaxtexi.cn
خەلقئارا خەۋەر | مەملىكەت خەۋىرى | شىنجاڭ خەۋىرى | غەيرى خەۋەر | تەنتەربىيە | ئىمتاھان ئۇچۇرى | ئاۋازلىق ئەسەر | يۇمۇر-لەتىپە | ماقالە-ئوبزور
نەسىر-لىرىكا | شېئىر-قوشاق | ھىكايە-رومان | قىزىقارلىقلار | ئېتوتلار | MTV ناخشىلار | MP3 ناخشىلار | فىلەش ئويۇنلار | پىلاستىنكىلار
پىلاستىنكا ئۇچۇرى | چولپانلار | سەنئەتكارلىرىمىز | مەشھۇرلىرىمىز | ئۆرۈپ-ئادەت | مەدەنىيەت | تارىخ بەتلىرى | تارىخى مىراسلار | رەسىملىك ئەسەر
دىلو-قانۇن | ئائىلە-نىكاھ | سۆيگۈ-مۇھەببەت | بالىلارتەربىيىسى | مىللىي تىبابەت | رەسىم دۇنياسى | QQ رەسىملەر | كومپىيوتېر | قاشتېشى يازمىسى

ئۆز سىڭلىسىغا باسقۇنچىلىق قىلغان مەلئۇن
يوللىغۇچى:kaxtexi ؛ يوللانغان ۋاقتى:2009-11-10 2:26:21 ؛ ئاۋاتلىقى:

ئايلىخان قىزىنىڭ دىئاگنۇز قەغىزىنى كۆتۈرگىنىچە ئۆيگە يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتتى، ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىدە دوختۇرنىڭ: << قىزىڭىزنىڭ ئېرىدىن يۇققان كېسەلكەن، ئەر- خوتۇن ئىككىسى كەلسۇن>> دېگەن سۆزى جاراڭلايتتى...
    نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئاغرىپ ياتقان رابىيە ئاپىسىنىڭ يولىغا قاراپ ياتقان ئىدى. بۇ چاغدا ئايلىخان ئۆيگە كىرىپ كەلدى- دە، رابىيەگە ئېتىلدى:
    _ راستىڭنى ئېيىت، زادى كىم بىلەن بىللە بولدۇڭ؟
    _ ئاپا، ئۇنداق ئىش يوق.
    _ يەنە راستىڭنى ئېيتمامسەن؟ بۇ كېسەل قانداق بۇلۇپ ساڭا ئوخشاش توي قىلمىغان قىزلاردا بولىدۇ؟ ئېيتە!_ ئايلىخان شۇنداق دىگىنىچە رابىيەنى تېخىمۇ قاتتىق ئۇرغۇلى تۇردى.
        پەقەت چىداپ تۇرالمىغان رابىيە( 16ياش) نەچچە يىللاردىن بېرى تارتىپ كېلىۋاتقان خورلۇق ۋە دەرد_ ئەلەملىرىنى ئاپىسىغا ئېيتىپ، بىراقلا يەڭگىللىمەكچى بولدى.
      _  بولدى ئاپا، مىنى ئۇرما، مەن ھەممىنى ئېيتاي، بولدى قىل...
      ئايلىخان قولىدىكى سۈپۈرگىنى تاشلىدى ۋە:
      _ ماڭا ئاۋۋال ئۇمەلئۇننىڭ كىملىكىنى ئېيت!_ دىگىنىچە ياشلىرىنى سۈرتتى.
      رابىيە ئاپىسىنىڭ ئالدىدا نەچچە ئوڭايسىزلىنىپ، ئاخىرى ئاكام شۇنداق قىلغان دېدى.
      بۇگەپنى ئاڭلىغان ئايلىخان:
      _ ئاكاڭغا قارا چاپلىماقچى بولىۋاتامسەن؟ بۇزۇق، مۇمكىنمۇ بۇ؟ ئاكاڭنىڭ خوتىنى تۇرسا ...،_ دىگىنىچە قايتىدىن رابىيەنى ئۇرۇشقا باشلىدى.
      _ ئاپا، راست. ماڭا ئىشەنمەمسەن، راستتىنلا ئاكام. بۇئىشلار ئۇ توي قىلماستىن بۇرۇن بولغان...
      بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئايلىخان :<< بۇنىمە ئىش، بۇ بالا باققاننىڭ جازاسىمۇ؟>> دىگىنىچە ئورنىدا ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇ شۇ ئولتۇرغىنىچە خېلى ئۇزاق ئولتۇردى. بىر چاغدا ئۇ،:<< قانۇن مۇقەددەس، ھەركىم قىلمىشىغا تۇشلۇق جازاغا تارتىلىشى كېرەك>> دىگەنلەرنى ئويلىدى_ دە، ئۇدۇل ئۈچ تۇرپان ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋىدكا ئەتىرتىگە ماڭدى.
      _ ھىچكىم مەندەك ئىشقا يۇلۇقماس، مەن ئۆز ئوغلۇمنىڭ قىلمىشىغا جازا بىرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىپ كەلدىم...
      ئايلىخان كۆز ياشلىرىنى سۈرتكىنىچە ئەھۋالنى ساقچىلارغا بايان قىلدى. دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۋالغان ساقچىلار  شۇ ھامان ئەنۋەر(28ياش)نىڭ ئۆيىگە كەلدە. نەچچە يىل بۇرۇنقى ئىشلىرىنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەن ئەنۋەر ساقچىلارنى كۆرۈپ ھاڭ_تاڭ قالدى. ئەنۋەر ج ج ئىدارىسىگە ئېلىپ كىلىنگەندىن كىيىن ھەممىنى ئىقرار قىلدى.
                                               
      ئەنۋەر ئۈچ تۇرپان ناھىيسىدىن بۇلۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ پۈتكۈزەلمەي، ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ئىدى. مانا شۇنىڭ دىن تارتىپ ئۇ بېشى قايغان، پۇتى تايغان يەرلەردە ئويناپ يۈردى. 2004-يىلى نويابىرنىڭ بىر كۈنى ئۇ دوستلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىپ  ئۆيگە كەچ قايتتى. ئۇ ئۆيگە كەلگەندە 12ياشلىق رابىيە ئاكىسىنىڭ ئورنىنى راسلاپ قۇيۇپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى.  سىڭلىسىنىڭ ئۇخلاپ ياتقىنىنى كۆرگەن ئەنۋەر ئۇنىڭغا تاشلاندى...
        شۇ كۈندىن كېيىن رابىيە ئاكىسىدىن قاچىدىغان بۇلۇپ قالدى. قىزىنىڭ ئۆيدە بۇرۇنقىدەك شوخلۇق، ئەركىلىك قىلمايدىغان بۇلۇپ قالغىنىنى ئايلىخانمۇ تازا سەزدى ۋە قىزىدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىرنەچچە رەت سورىدى، ئەمما رابىيە:<< ھىچنىمە>> دەپ تۇرىۋالغانلىقى ئۈچۈن بەل ئېرەن قىلمىدى.
        ئەنۋەر بولسا شۇنىڭدىن كىيىن ھە دىسىلا سىڭلىسىنىڭ يېنىغا كىلىۋالىدىغان ،ئۆيدە ئادەم يوق ۋاقىتلاردا يەنە سىڭلىسنى زورلايدىغان بۇلۇۋالدى. رابىيە ئارلىقتا بىرنەچچە قېتىم يىغلاپ قارشىلىق بۈلدۈرۈپ، ئاكىسىنىڭ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرمىدى.
        2005-يىلى مارتتا ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە پەتىگە ماڭدى. ئەنۋار:<< مىجەزىم يوق، زۇكام تىگىپ قاپتۇ، ماڭا رابىيە شوۋىگۈرۈچ ئىتىپ بەرسۇن>> دەپ ئۆيدە قالدى. رابىيە ئاپىسىغا:<< مەنمۇ بارىمەن>> دەپ يىغلاپ چىڭ تۇرىۋالغان بولسىمۇ، قىزىنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنمىگەن ئايلىخان ئۇنىمىغىنىغا قارىماي رابىيەنى ئۆيدە قالدۇرۇپ كەتتى. ئەنۋەر شۇ كۈنىمۇ رابىيەنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي نەپسىنى قاندۇردى ۋە رابىيەگە بەش يۈەئەننى تۇتقۇزۇپ:
        _ بىرەرسىگە دەيدىغان بولساڭ ، كۈندە تاياق يەيسەن،_ دەپ قورقۇتتى.
          رابىيەنىڭ كۈنلىرى دەككە -دۈككە ئىچىدە ئۆتتى.  ئۇنەچچە قېتىم ئاپىسىغا ئېيتماقچى بولدى_يۇ، يەنىلا قورقتى.
        2006-يىلى ئەنۋەر ئۆيدىكىلەرنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن شۇ يۇرتلۇق بىر قىز بىلەن توي قىلدى. ئاتا-ئانا ئوغلىغا ئۆي ئايرىپ بەردى. رابىيەنىڭ ئازاپلىق كۈنلىرىگە ئاخىرى خاتىمە بېرىلدى. رابىيەمۇ بۇنى بىر قابا ھەتلىك چۈش قاتارىغا چىقىرىپ، ئۇنتۇپ كىتىشكە تىرىشتى. ئەمما << دۇنيادا ئاشكارلانمايدىغان سىر يوق >> دىگەندەك، بۇيىل يازدا رابىيە ئاغرىپ قالدى. ئايلىخان قىزىدىن ئەنسىرەپ دوختۇرخانىغا بارغان ئىدى، دوختۇرنىڭ دىئاگنوزى ھېلىقىدەك بۇلۇپ چىقتى.
            22-ئاۋغۇست ئەنۋەر قانۇن بۇيىچە قولغا ئېلىندى.
( كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)


مەنبەسى : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

http://www.xjtsnews.com

 


      ئالدىنقى خەۋەر:يالىڭاچلانغان قىزنىڭ سىرى
      كېيىنكى خەۋەر:ئۆز دادىسى تەرىپىدىن باسقۇنچىلىق قىلىنغان قىز


تۇرمۇش سالونى مەدەنىيەت بوستانى قاشتېشى ئەدەبىياتى رەسىملەر دۇنياسى ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەر MP3 ناخشىلار تورداشلار ئەسەرلىرى باش بىكەت
 
  Copyright © 2003 - 2010  www.kaxtexi.cn All Rights Reserved

قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى

بىكەتنىڭ بارلىق ھوقوقى : قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسىغا تەۋە. كۆچۈرۈپ ياكى ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىندۇ

  QQ: 63096480 ,  58333857  , 454243178

بىكەت لاھىيىلىگۈچى: قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى ، باش بىكەت باشلىقى : ئابدۇخېلىل ئابدۇراخمان ( قاشتېشى )

قاشتېشى مۇنبەر ئىشخانىسى

قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى تېلېفون نۇمۇرى :  13319030098 ، 6870778-0903 كىچىك زېرەك

QQ: 327246563  ,799756437 , 416127849

 

新ICP备10001950号
不良信息举报中心
网络110报警服务