|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
| |
| بىر كۈنى دوستۇمدىن: ئەگەر ساڭا ئۈچ كىشى بىرلا ۋاقىتتا مۇھەببەت ئىزھار قىلسا، بۇلارنىڭ بىرىنچىسى سېنى تاماققا تەكلىپ قىلىشقا ، ئىككىنچىسى ساڭا گۈل تەغدىم قىلىشقا، ئۈچىنچىسى سېنى مەدھىيلەپ شېئىر يېزىشقا ئامراق بولسا، بۇلارنىڭ ئىچىدە قايسىسى بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى خالايسەن ؟ دەپ سورىدىم . -ھېچقايسىسى بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى خالىمايمەن. -ئەگەر بۇ ئۈچى بىر ئادەم بولۇپ قالسىچۇ؟ -ئۇنداقتا ئويلىشىپ بېقىشقا بولىدۇ . -ئەمسە سېنى بۇ كىشىگە ماقۇل بولدى دەيلى ، بۇ كىشى بىلەن بىرگە 10 يىل تۇرمۇش كەچۈردىڭ دېسەك ، كېيىنچە ئۇ ساڭا گۈل سوۋغا قىلىپ ، ساڭا ئاتاپ شېئىر يېزىشنى ، سېنى دائىم تاماققا تەكلىپ قىلىشنى ئارتۇقچە ھېس قىلىپ ، بۇ ئىشلاردىن بىرىنى قىسقارتىشنى ئويلاشسا ، سەن ئۇنىڭ قايسى تۈرىنى قىسقارتىشنى خالايسەن ؟ دوستۇم بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ : -سىرىتتا يېمىسەمغۇ بولار،- دېدى . -يەنە 10يىل ئۆتۈپ كەتتى دېسەك، ئۇ كىشىگە قېرىلىق يەتتى ، دائىم گۈل تەقدىم قىلىش ، شېئىر يېزىش ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىدىغان بولۇپ قالدى . ئۇ يەنە بىر تۈرنى قىسقارتىشنى ئويلىدى ، ئۇنىڭ قايسى تۈرنى قىسقارتىشىنى خالايسەن ؟-دەپ سورىدىم . -ئۇنداقتا شېئىر يازىدىغاندىن ۋاز كېچەي . -ئۇنداقتا سەن ئىككىنچى كىشىنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلدىڭ ، سەن ئاۋۋال بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىمەن دېگەن بولساڭمۇ ، ئاخىردا يەنىلا گۈل تەقدىم قىلىشقا ئامراق كىشىنى تاللىدىڭ . مەن ئۇنىڭغا شۇنداق دېدىم –يۇ ئويلىنىپ قالدىم . بۇ ئەسلىدە مۇھەببەتنىڭ كۈچى ئىكەن ، بىر كىشىگە نىسبەتەن سىزدە مۇھەببەت بولغانسېرى ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىدىغىنىڭىز شۇنچە كۆپ بولىدىكەن . ئۇنىڭ قەلبىڭىزدىكى ئورنى مۇستەھكەملىنىپ ، ئۆزىدىن باشقا تەرەپلىرىگە پىسەنىت قىلمايدىغان بولىدىكەنسىز . ھەممىمىزنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشى بولىدۇ ، دانالىرىمىز ئېيىتقاندەك، مۇھەببەت بىر ئىستاكان سۇ . ئويلاپ باقسام مۇھەببەت چوڭقۇر مەنىلەرگە ئىگە ئىكەن ، مۇھەببەتلا مەۋجۇت بولىدىكەن ، كىممۇ باشقا نەرسىلەر بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرىدۇ دەيسىز . مەنبەسى: قانۇنچىلىق گېزىتى 9-ئاپرېل |
|
مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى |
http://www.xjtsnews.com |
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
| Copyright © 2003 - 2010 www.kaxtexi.cn All Rights Reserved |
قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى |
| بىكەتنىڭ بارلىق ھوقوقى : قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسىغا تەۋە. كۆچۈرۈپ ياكى ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىندۇ |
QQ: 63096480 , 58333857 , 454243178 |
| بىكەت لاھىيىلىگۈچى: قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى ، باش بىكەت باشلىقى : ئابدۇخېلىل ئابدۇراخمان ( قاشتېشى ) |
قاشتېشى مۇنبەر ئىشخانىسى |
| قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى تېلېفون نۇمۇرى : 13319030098 ، 6870778-0903 كىچىك زېرەك |
QQ: 327246563 ,799756437 , 416127849 |