|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
| |
يانلىرىمدىن كىتەلمىسەڭ سۆيدى دەپتىمەن،
لەۋلىرىمگە سۆيۈپ قويساڭ بەخت دەپتىمەن.
بىلگىنىمدە پۇلۇم ئۈچۈن كۆيگىنىڭنى،
ئاھ ، ئىسىت دەپ كاچىتىمغا ئۇرۇپ ساپتىمەن.
ئاغرىپ قالدىم پۇل سال دېدىڭ ساق تۇرۇپمۇ.
كىيىم – كېچەك ئېلىپ بەردىم ئاشۇرۇپمۇ.
باشقا يارغا دىل بىرىپسەن مەن تۇرۇپمۇ.
پۇلۇم ئۈچۈن كۆيگىنىڭنى بىلمەپتىمەن.
ئايرىلغاندا ئاھلار چىكىپ يېغلاپتىمەن،
ئەقىدەمنى بىر ساڭىلا ئاتاپتىمەن .
جىمىپ قاپتۇ ، ئازاپ يەپتۇ دېسە دوستۇم،
ئىچ ئاغرىتىپ يوللىرىڭغا قاراپتىمەن.
بىلگىنىمدە ئۈجمە كۆڭۈل پەسلىكىڭنى،
پۇلۇم ئۈچۈن شىرىن سۆزلەپ كۆيگىنىڭنى.
مەن تۇرۇپمۇ ئالتە يارنى سۆيگىنىڭنى،
ئۆتنە ئالەم ،قېنى كۆرەي كۈنلىرىڭنى .
ئۇنتالمايمەن سەن ۋاپاسىز نۇمۇسسىزنى.
پۇل مال ئۈچۈن پاھىشىدەك يۇرگىنىڭنى.
كۆمىۋەتتىم مەڭگۈ سېنى گەندىلەرگە،
يوقال ئەمدى ، مەڭگۈ كۆرمەي يۈزلىرىڭنى.
ئاپتۇرى: ئابدۇخېلىل ئابدۇراخمان (قاشتېشى)
2008-12-6 خوتەن شەھىرى
|
مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى |
http://www.xjtsnews.com |
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
| Copyright © 2003 - 2010 www.kaxtexi.cn All Rights Reserved |
قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى |
| بىكەتنىڭ بارلىق ھوقوقى : قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسىغا تەۋە. كۆچۈرۈپ ياكى ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىندۇ |
QQ: 63096480 , 58333857 , 454243178 |
| بىكەت لاھىيىلىگۈچى: قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى ، باش بىكەت باشلىقى : ئابدۇخېلىل ئابدۇراخمان ( قاشتېشى ) |
قاشتېشى مۇنبەر ئىشخانىسى |
| قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى تېلېفون نۇمۇرى : 13319030098 ، 6870778-0903 كىچىك زېرەك |
QQ: 327246563 ,799756437 , 416127849 |