تۇرمۇش سالونى مەدەنىيەت بوستانى قاشتېشى ئەدەبىياتى رەسىملەر دۇنياسى ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەر MP3 ناخشىلار تورداشلار ئەسەرلىرى باش بىكەت
www.kaxtexi.cn
خەلقئارا خەۋەر | مەملىكەت خەۋىرى | شىنجاڭ خەۋىرى | غەيرى خەۋەر | تەنتەربىيە | ئىمتاھان ئۇچۇرى | ئاۋازلىق ئەسەر | يۇمۇر-لەتىپە | ماقالە-ئوبزور
نەسىر-لىرىكا | شېئىر-قوشاق | ھىكايە-رومان | قىزىقارلىقلار | ئېتوتلار | MTV ناخشىلار | MP3 ناخشىلار | فىلەش ئويۇنلار | پىلاستىنكىلار
پىلاستىنكا ئۇچۇرى | چولپانلار | سەنئەتكارلىرىمىز | مەشھۇرلىرىمىز | ئۆرۈپ-ئادەت | مەدەنىيەت | تارىخ بەتلىرى | تارىخى مىراسلار | رەسىملىك ئەسەر
دىلو-قانۇن | ئائىلە-نىكاھ | سۆيگۈ-مۇھەببەت | بالىلارتەربىيىسى | مىللىي تىبابەت | رەسىم دۇنياسى | QQ رەسىملەر | كومپىيوتېر | قاشتېشى يازمىسى

مەكتەپتىكى تەسىرلىك مۇھەببەت ھىكايىسى
يوللىغۇچى:kaxtexi ؛ يوللانغان ۋاقتى:2009-11-10 2:05:04 ؛ ئاۋاتلىقى:

ئۇ 19 ياش ۋاقتىدا، ھامما ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە تەتىل ئۆتكۈزۈشكە باردى، بۇ ئۇنىڭ ئاشۇ بىر قېتىملا جەنۇبقا بېرىپ تەتىل كۈنىلىرىنى ئۆتكۈزۈشى ئىدى.
قىزچاق قوشنىسىنىڭ قىزى ئىدى، ئۆگەي ئانىسى قىزچاققا ياخشى مۇئامىلە قىلمايتتى. ئۇنىڭ قىزچاقنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشى بولۇپ، قىزچاق پاختا رەختتىن تىكىلگەن مەينەتلىشىپ كەتكەن ئاق كۆڭلەك كىيۋالغانىدى. يۈزلىرى قىزىرىپ ئىشىشىپ كەتكەن بولۇپ، يۈزىدىكى بارماق ئىزلىرى ئېنىقلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى، مەڭزى كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ، تۇرقىدىن شۇنداق تەمكىن كۆرۈنەتتى. ئۇ قىزچاقنى ئالدىدا زۇڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قىزچاققا:<سىز كۈچۈكنى ياخشى كۆرەمسىز> دىدى_دە، ئۆزى تېپىۋالغان ئاق كۈچۈكنى بامبۇك سىۋەتكە سېلىپ، قىزچاققا سۇندى.
ئۇ قىزچاققا:<قېنى بىر كۈلىڭە، كۈلسىڭىز مەن بۇنى سىزگە سوۋغا قىلىمەن> دىدى.
ئۇ قىزچاققا بىر مەزگىللىك خۇشاللىق ھەم ئىللىقلىق ئاتا قىلغانىدى. ئۇ قىزنى باشلاپ بېلىق تۇتقىلى، كېپىنەك تۇتقىلى باردى، قىزنىڭ كۈلكىسى بىغۇبار ھەم يىقىملىق ئىدى.
قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاندا، ئۇ قىزنى ئېلىپ كەچلىك بازار چۆگىلدى، قىزچاققا بىردانە قىزىل كېپىنەك شەكىللىك چاچ قىسقۇچ سوۋغا قىلدى ھەمدە قىزغا:<ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، ھامان بىر كۈنى سىزمۇ ئاشۇ كېپىنەككە ئوخشاش ئۆزىڭىز خالىغان جايغا بارالايسىز> دىدى.
بىر ئايدىن كېيىن ئۇ شىمالغا كەتتى.
ۋوگزالدا قىزچاق كۈچۈكنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، كېتىشكە ئۇنىمىدى. ۋاراڭ - چۇرۇڭغا تولغان ۋوگزال سۇپىسىدا، ئۇ بېشىنى دېرىزىدىن سىرتقا چىقىرىپ،قىزچاققا قول پۇلاڭلاتتى. قىزچاق پۇنىڭ ئۇچچىدا دەسسەپ تۇرۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇنىڭدىن:<مەن چوڭ بولغاندىن كېيىن سىزگە ياتلىق بولسام بۇلامدۇ> دەپ سورىدى. پويىز قوزغالدى، ئۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا قىزچاقنى ئەركىلىتىپ تۇرۇپ، <بولىدۇ> دىدى.
پويىز جەنۇبتىكى بىر كىچىك ۋوگزالدىن چىقتى، قىزچاق پويىزنىڭ كەينىدىن كۈچەپ يۈگۈردى بىراق يېتىشەلمىدى.
ئۇ يىل قىزچاق 8 ياشتا ئىدى.
ئۇ تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققانغا قەدەر، قايتا جەنۇبقا بېرىپ باقمىدى.
قىزچاق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەبىيلەرچە خەت يېزىشىدىن باشلاپ، ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭغا خەت يېزىپ تۇردى، بىر بىيخۇا بىر بىيخۇادىن يېزىپ، ئۇنىڭغا ئۆزى ھەم كۈچۈكنىڭ تۇرمۇشىنى بايان قىلاتتى.
ئۇ ئەزەلدىن قىزچاققا خەت قايتۇرمايتتى، پەقەت قىزچاقنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ۋە يېڭى يىل بولغان ۋاقىتتىلا، قىزچاققا چىرايلىق ئاتكىرىتكا ئەۋەتەتتى. ئۈستىگە <شياۋگۇەي> ۋە شيالەننىڭ سالامەت، خۇشال - خۇرام بولۇشىنى تىلەيمەن > دەپ يازاتتى، شياۋگۇەي كۈچۈكنىڭ ئىسمى بولۇپ، شياۋلەن قىزچاقنىڭ ئىسمى ئىدى.
3 يىلدىن كېيىن، شياۋگۇەي كېسەل بولۇپ ئۈلۈپ كەتتى، قىزچاق خېتىدە ئۇنىڭغا:<شياۋگۇەن مەندىن ئايرىلدى، بىراق مېنىڭ قەلبىمدىكى ئۈمىد يەنىلا مەۋجۇد، گەرچە مېنىڭ كېپىنەكنىڭكىدەك قانىتىم بولمىسىمۇ، مەن چوقۇم ئۆزەم بېرىشنى خالىغان يەرگە بارالايمەن > دېگەنىدى.
تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن يىلى قىزچاق ئونىڭغا ئۆزىنىڭ بېيجىڭغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار توپتوغرا 7 يىل كۆرۈشمىگەنىدى.
ئۇ ۋوگزال سەھنىسىدە قىزچاقنى كۈتتى. قىستا - قىستاڭ ئادەملەر توپى ئارىسىدىن 15 ياشلار چاممىسىدىكى بىر قىزچاق چىقىپ كەلدى، ئۇ ئاق كۆڭلەك كىيىۋالغان بولۇپ، قاپقارا كۆزلىرى نۇرلىنىپ تۇراتتى.
ئۇ قىزچاقنى ئېلىپ رېستورانغا بېرىپ تاماق يىدى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغىنى بولسا <چى> ئۇنىڭ بولغۇسى ئايالى ئىدى.
قىزچاقنى باشلاپ <قەدىمي خان ئوردىسى> غا باردى، خىرا سېپىل تېمى بولۇڭىدا ئۇ قىزچاقتىن <چى> نى ياخشى كۆرىدىغان - كۆرمەيدىغانلىقىنى سورىدى، قىزچاق <چى> گۈزەل ھەم لاتاپەتلىك قىزكەن دىدى.
قىزچاق تىپتىنىچ ھالدا بېيجىڭدا بىر ھەپتىنى ئۆتكۈزۈپ، جەنۇبقا قايتىپ تولۇق ئوتتۇرىدا داۋاملىق ئوقۇشقا تەييارلاندى. ماڭىدىغان كۈنى كەچتە قىزچاق ئۆزىنى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردى، قىزچاق بېشىدىن كېپنەك شەكىللىك قىسقۇچنى ئېلىۋەتتى، قاپقارا قۇندۇزدەك چاچلار ئۆزىنى تاشلا پ تۇراتتى. ئۇ <مەن ئۈچ ئايدىن كېيىن، چى بىلەن توي قىلىمەن، مەن بۇنداق قىلسام بولمايدۇ>دىدى. قىزچاق بولسا: <مەن سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى رەت قىلماڭ> دېدى. قىزچاقنىڭ ئىسسىق كۆز ياشلىرى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۇنىڭ ئالقىنىغا تۆكۈلدى، قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قىزچاقنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمىدى،ئۇ پەقەت قىزچاقنىڭ ئاستاغىنە ھالدا: < ئەگەر سىز ئاجرىشى كەتسىڭىز، مەن سىزگە ياتلىق بولسا بۇلامدۇ> دەپ سورىغانلىقىنىلا ئاڭلىيالىدى. ئۇ چۈشۈنۈكسىز بولغان قايناق ھېسسىيات ئىچىدە، بىر خىل گومۇش ھالەتتە: <بولىدۇ> دىدى.
ئەتىگىنى قىزچاق خوشلاشماستىنلا جەنۇبقا يول ئالدى.
تويدىن كېيىن كۈنلەر سۇدەك ئۆتمەكتە ئىدى. <چى> ئىككى يىلدىن كېيىن، ئامېرىكىغا ئوقۇشقا ماڭدى، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىمۇ ئاچىقىپ كەتمەكچى بولدى.
ئۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، بىر كىچىك رېستوران ئېچىپ، دۆلەت ئىچدىكى ئاخىرقى كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلاندى.
ئۇ ئۆزى ئاچقان رېستورانغا <لەن> دەپ ئىسىم قويدى. ئۇ يەنىلا ئۈزلۈكسىز ھالدا قىزچاقنىڭ خەتلىرىنى تاپشۇرۇېلىپ تۇردى. قىزچاق ئۇنىڭغا <ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغانلىقىنى، ئەگەر بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرەلمىسە، ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ، بېيجىڭغا كېلىپ، خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى > ئېيتتى. ئۇ قىزچاققا:<مەن 1 - 2 يىلدىن كېيىن بۇ يەردىن كېتىمەن> دىدى، قىزچاق بولسا: <ھېچقىسى يوق،يەنە ۋاقىت باركەنغۇ> دىدى.
ئۇلار قايتا كۆرۈشكەن ۋاقىتتا، قىزچاق 19 ياشتا، ئۇ بولسا 30 ياشقا كىرىپ قالغانىدى.
ئۇلار بىرل يىلدەك بىر ئۆيدە تۇردى. ئۇنىڭ ۋىزىسى ھەل بولغاندىن كېيىن، چەتكە چىقىپ <چى > بىلەن جەم بولۇشقا تەييارلاندى.
ئۇ <لەن> رېستورانىنى قىزچاققا قالدۇرۇپ، قىزچاققا :<سىز ئەمدى بېيجىڭغا ياتلىق بولۇڭ، مەن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە كېلىپ سىزنى يۇقلاپ تۇرىمەن > دىدى. قىزچاق :<مەن بېيجىڭدا سىزنى كۈتىمەن، بىراق ياتلىق بولمايمەن> دىدى.
قىزچاق يەنە بۇرۇنقىدەكلا ئۇنىڭغا خەت يېزىپ تۇردى، ئۇمۇ بۇرۇنقىدەكلا قىزچاقنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ۋە يېڭى يىل بولغان ۋاقىتتا، قىزچاققا چىرايلىق ئاتكىرتكىلارنى ئەۋەتىپ تۇردى.
ئۇ شۇ كەتكەنچە 5 يىل تاكى <چى> بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنگە قەدەر تۇرۇپ، ئىشلىرىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ۋەتەنگە قايتىپ تەرەققىي قىلماقچى بولدى.
ئۇ <لەن> رېستورانىنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ، پۇكەيدىكى قىزچاقنى كۆردى. قىزچاق ھېلىمۇ ئاددىي بولغان ئاق كۆڭلەك كىيىۋالغان بولۇپ، بۇرۇنقىغا قارىغاندا چىرايى سارغىيىپ، ياداپ قالغانىدى. قىزچاق :<قايتىپ كەلدىڭىزما؟> دەپ ئۇنىڭغا قاراپ بىلىنەر - بىلىنمەس كۈلۈمسىرىدى، <بىراق مەن كېسەل بولۇ قالدىم> دىدى.
قىزچاقنىڭ كېسلى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغانىدى. ئۇ قىزچاققا كېچە - كۈندۈز ھەمراھ بولدى. قىزچاققا ئىنجىل ئوقۇپ بەردى. قىزچاق ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا،
قىزچاق ئۇنىڭ بارماقلىرىنى يېنىك تۇتتى. ئىللىق قۇياش نۇرى چىققان ۋاقىتتا، ئۇ قىزچاقنى يۆلەپ كېسەلخانىنىڭ بالكونغا ئاچىقىپ ئاپتاپ سۇندۇردى. قىزچاق ئۇنىڭغا :<ئەگەر كېسلىم ياخىش بولۇپ كەتسە، سىزگە ياتلىق بولسام بۇلامدۇ؟> دەپ سورىدى، قىزچاقنىڭ قەلبى ھېلىھەم ئۈمىدكە تولغانىدى. ئۇ يۈزىنى باشقا تەرەپكە بۇراپ، كۆز ياشلىرىنى بېسىپ تۇرۇپ، <بولىدۇ> دىدى.
يېرىم يىلدىن كېيىن، قىزچاقنىڭ ھاياتى مەنزىلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالدى، ئۇ كۈنى ئەتىگەندە، قىزچاق تويۇقسىز ياخشىلىنىپ قالغاندەك بولدى. قىزچاق ئۇنىڭدىن بېرىپ يالغان چاچ سېتىۋېلىپ كېلىشنى ئۆتۈندى، چۈنكى خىمىيىلىك داۋالاش سەۋەبىدىن قىزچاقنىڭ چېچى پۈتۈنلەي چۈشۈپ كەتكەنىدى.
قىزچاق چېچىنى ماخار شەكىلىدە بۇغدى. خۇددى بالىلىق دەۋرىدىكىگە ئوخشاش. ئاندىن قىزچاق ئۇنىڭغا ئۆيدىكى بىر دۇردۇن قۇتىنى كېسەلخانىغا ئەكەلدۈردى. قۇتا ئىچىدە ئۇنىڭ قىزچاققا 8 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ئەۋەتكەن ئاتكىرتكىلار بار ئىدى.
ھەر يىلى ئىككى پارچىدىن، 16 يىل بولغان ئىدى.
ئۇ سارغىيىپ كەتكەن ئاتكىرتكىلارنى ۋە ئۈستىگە غۇۋالىشىپ كەتكەن خەتلەرنى بىر لەپ سىلاپ چىقتى. بۇلار ئۇ قىزچاقتىن ئايرىلغان كۈنلەردىكى قىزچاقنىڭ پۈتكۈل بايلىقى ئىدى.
قىزچاق ئاخىرى ھاردى. قىزچاق ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ۋاقىتتا، قىزچاق ئۇنىڭدىن قىزىل كېپىنەك شەكىللىك قىسقۇچنى بېشىغا قىسىپ قويۇشنى ئۆتۈندى. قىزچاق ئۇنىڭدىن <ئەگەر قايتا تۇغۇلۇپ قالسا، مەن سىزگە ياتلىق بولسام بۇلامدۇ؟> دەپ سورىدى. ئۇ قىزچاقنى يېنىككىنە سۆيۈپ تۇرۇپ: <بولىدۇ> دىدى.
ئۇ ئىلگىرى بىر كۈچۈكنى قىزچاقنىڭ كۈلكىسىگە ئالماشتۇرغانىدى، ئەمدىلىكتە بولسا قىزچاق ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتى ئارقىلىق كۈتۈشنى، ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئامالسىز بولغان ئەھدىگە ئالماشتۇردى.........................................

مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

http://www.xjtsnews.com

 


      ئالدىنقى خەۋەر:ئالىي مەكتەپتىكى مۇھەببەت خاتىمىسى
      كېيىنكى خەۋەر:يامغۇر دىكى تۇنجى مۇھەببەت


تۇرمۇش سالونى مەدەنىيەت بوستانى قاشتېشى ئەدەبىياتى رەسىملەر دۇنياسى ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەر MP3 ناخشىلار تورداشلار ئەسەرلىرى باش بىكەت
 
  Copyright © 2003 - 2010  www.kaxtexi.cn All Rights Reserved

قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى

بىكەتنىڭ بارلىق ھوقوقى : قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسىغا تەۋە. كۆچۈرۈپ ياكى ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىندۇ

  QQ: 63096480 ,  58333857  , 454243178

بىكەت لاھىيىلىگۈچى: قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى ، باش بىكەت باشلىقى : ئابدۇخېلىل ئابدۇراخمان ( قاشتېشى )

قاشتېشى مۇنبەر ئىشخانىسى

قاشتېشى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى تېلېفون نۇمۇرى :  13319030098 ، 6870778-0903 كىچىك زېرەك

QQ: 327246563  ,799756437 , 416127849

 

新ICP备10001950号
不良信息举报中心
网络110报警服务