ﺋﺎﻗﻜﯜﯕﯜﻝ <<ﺋﻮﻏﺮﻯ>> (ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ)
يوللىغۇچى:kaxtexi
؛ يوللانغان ۋاقتى:2009-11-9 23:46:28
؛ ئاۋاتلىقى:
يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس،ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر دەپ.....ھەي! دادامنىڭ شۇ بىر تەستىكىگە چىداپ،ئۆيدىن قاچمىغان بولسام ، مۇشۇ كۈنلەرگىمۇ قالاتتىممۇ ؟!
ئىسسىق ئۆيۈم، ئوقۇيدىغان مەكتىپىممۇ بولاتتى ...ئەمدىچۇ ؟ ھايۋانمۇ مەندىن ياخشىغۇ ...
__ئەلى شۇلارنى ئويلاپ ، توختىماي يېغىۋاتقان قارغا قاراپ ئېغىر ئۇھسىنىپ قويدى .ھاۋا شۇنچىلىك سۇغۇق ، كوچىدىمۇ ئادەم ئاز ئىدى . ۋەزىپىنى قانداق ئورۇنداش كېرەك ؟ ئاخىرى كونا جايغا بارماقچى بۇلۇپ كوچا ئاپتۇبوسىغا چىقتى . ئادەم جىق ئىدى ، ئەلىنىڭ كۆزى بىر ئېغىر ئاياق ئايالغا چۈشتى . <كەسپى > خۇمىرى تۇتۇپ ، ئەپچىللىك بىلەن قولىنى سومكىغا سالدى . پۇل ئاسانلا قولغا چۈشتى .ئەلى خوش بولدىيۇ لىكىن يۈرىكى بىر قانداق سوقىۋاتاتتى ...پۇلنى يانچۇققا سېلىپ قولى بىلەن پۇلنى چىڭ تۇتۇپ تۇردى . نىمىشقا شۇ ئايالنىڭ كەينىدىن ماشىنىغا قايتا چىققانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىمۇ دەپ بېرىلمەيتتى .
__<بالام ساڭا شۇنى نەسىھەت قىلايكى ، ئادەمنىڭ كۆزى دىگەن قارا، يۈرەك دىگەن قىزىل بولىدۇ . لىكىن كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ بەزى نەرسىلەرنى كۆرگەندە كۆزۈڭ قىزىرىپ ، يۈرۈگۈڭ قارىداپ كەتمىسۇن !> دادام كىچىكىمدىنلا مۇشۇ گەپنى قىلاتتىغۇ ، ۋاي بولدىلا ، كىم ئۇنى پۇلىنى پۇختىراق يەرگە قويمىسۇن دەپتۇ ؟ لىكىن ....ئېغىر ئاياق تۇرسا ،ناۋادا دوختۇرغا كۆرىنىدىغان پۇلى بۇلۇپ قالسىچۇ ؟___نىمىلا دىمىگەن بىلەن بۇ بالىنىڭ كۆڭاى بەك يۇمشاق جۇمۇ ....كۆڭلى يۇمشاق بولغىنى بىلەن نىمە پايدىسى ؟ كىشىلەرگە زىيىنى بولغان بۇنداق <يومشاق كۆڭۈلنىڭ> نىمە پايدىسى ؟؟؟
ئەلىنىڭ كاللىسى قالايمىقانلىشىپ كەتتى ، بازار بولىدىغان شۇ بىكەتتىمۇ چۈشۇپ قالمىدى . ئۇ پات-پات ئايالغا قاراپ قوياتتى ،ئايال بولسا ھېچ ئىش بولمىغاندەك قورسىقىنى سىلاپ ،دېرىزىنىڭ سىرتىدىكى مەنزىرىلەرگە قاراۋاتاتتى ...پۇلىنىڭ ئوغرى ئېلىۋالغىنىنى نەدىنمۇ بىلسۇن؟ يەنە كىلىپ يىنىدا تۇرغان يىگىتنىڭ پۇلنى ئېلىۋالغىنى تېخىمۇ خىيالىغىمۇ كىرمىگەنىدى . بەلكىم پات ئارىدا بۇ دۇنياغا كۆز ئا چماقچى بۇلغان شۇ ئوماق قوزىسى ئۈچۈن تاتلىق خىياللارنى سۈرىۋاتسا كېرەك چىرايىدا كۈلكە ئالامىتى تۇراتتى . ئەلىچۇ ؟ ئۇ نىمىلەرنى ئويلاۋاتقاندۇ ؟ بۇ پۇل بىلەنمۇ بىر كۈنلۈك ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالايتتى . لىكىن بۇ ئايال قانداق قىلىدۇ ؟
ئايال ئاخىرى ئورنىدىن تۇرۇپ چۈشمەكچى بولدى ، ئەلىمۇ ئارقىدىن ماڭدى .ئەلىنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۇدوختۇرخانىغا قاراپ ئاۋايلاپ كېتىۋاتاتتى . ئەلى ئاستا ئالدىدىكى تار كوچىغا كىرىپ پۇلنى چىقاردىدە ساناشقا باشلىدى ... مىڭ يۈەن ، ئىككى مىڭ يۈەن ....پۇل نەق ئۈچ مىڭ ئىككى يۈز يۈەن چىققانىدى . قانداق قىلاي ؟ ئۇ دوختۇرخانىغا ماڭغانىكەن بۇ پۇلنى چوقۇم ئۇ نىڭغا قايتۇرۇپ بېرىشىم كېرەك ! بىر قېتىم بولسىمۇ ساۋاپلىق ئىش قىلاي ! ئۇ شۇنداق دىگىنىچە پۇلنى يانچۇققا سېلىپ يۈ گۈرگىنىچە ئۇ ئايالنىڭ كەينىدىن دۇختۇرخانىغا كىردى . ئەلىنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۇ ئايال ئۆزىنى بالنىستكە ئالغۇزماقچىكەن ،پۇلنىڭ يوقلىقىنى بىلدى ،ئاقزادە بۇلۇپ يىغلىدى ، ئېرىنىڭ باشقا جايدا ئىشلەپ مىڭ بىر تەسلىكتە ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى ئېتىپ يىغلاۋاتاتتى . ھازىر خەق بىلەن خەقنىڭ نىمە كارى دەيسىز دوختۇرخانىدىكى بىرمۇ ئادەم ئۇنىڭ گىپىگە قۇلاق سالمىدى . ئەلى ھەممىنى كۆرۈپ تۇردى . تۇ يۇقسىز ئۇ ئايالنىڭ قۇرسىقى ئاغرىپ يەردە يىتىپلا قالدى ، بالنىستقا ئالاي دىسە پۇلى يۇق ، <يولدىشىگىزگە تېلفۇن قىلىڭ پۇل ئەكىلىپ بەرسۇن >بىر سېستىرا ئۇنى يۈلىگەچ شۇ گەپنى قىلىۋاتاتتى . ئەلى ئۇ ئايالنىڭ شۇ تۇ رقىدا قىينىلىپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ چىدىمىدى ۋە بېرىپ يانچۇقىدىكى پۇلنى شۇ ئايالغا تاپشۇرۇپ بەردى دە كىتىپ قالدى .
ئەلى ئۆزىنى يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلدى ، لىكىن ئەمدى <ئاكىسى>غا نىمە دەيدۇ ؟ شۇنداقتىمۇ بىشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن دەپ ياتاققا قاراپ ماڭدى . ..ئەمدى ئاخىردىكى ئىشلار ئۇنىڭغا ئايان ئىدى . ياتاققا كىردى . <قانداق ، ئەلى باتۇر! بۈگۈن سودا خېلى بولغاندۇ ؟ > ئەلى قۇرقتى . لىكىن ھەممىنى دېدى __ ئىچىم ئاغرىپ قالدى ئاكا ، ئۇمۇ بىر خۇدايىمنىڭ بەندىسىغۇ ؟ خۇدا يولىدا....__گەپنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولغىنىچە ، <ئاكىسى> چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ تەتۈر شاپىلاقتىن بىر نى قويدى ۋە __ھېي ! لاممزەللە ! بىز دىگەن خۇدايىمغا قارشى ماڭىدىغان ئادەم بىلدىڭما ؟ خۇدايىمنىڭ يولىدا ماڭىدىغان ئىشىمىز بولسا بۇ ئىشنى قىلىپ جان باقمايمىز بىز !!__ئەلىنىڭ نىمە كۈن كۆرىدىغىنى ئۆزىگە ئايان !
ئەلىگە ئوخشاش < يېتىشىۋاتقان > ياشلىرىمىزدىن بۇ جەمىيەتتە يەنە ﻗﺎﻧﭽﯩﺴﻰ بار ؟پۇلنىڭ كەينىگە كىرىپ كۆزى قىزىرىپ ، ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﯨﺪﺍﭖ كەتكەنلەردىن يەنە قانچىسى بار؟
|
مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى |
http://www.xjtsnews.com |
|
 |
|
|
|
|